Tuesday July 17, 2018

Donate
News Feeds:

 

 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدە،1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى شېھىت قىلدى. بۇ قىرغىنچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى يەر يۈزىدىن قۇرۇتۇش قىرغىنچىلىقى ئىدى. 21 يىل بۇرۇنلا غۇلجىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەشرەپ مەدەنىيىتىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن قەتلە قىلىندى!

بەزىلىرى خىتاينىڭ ئوقىدا شېھىت بولسا، بەزىلىرى تۈرمىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن قىستاقتا، يەنە بەزىلىرى خىتاي ھەربىي ئاپشاركىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلدى. كۆپلىگەنلىرى بولسا قەھرىتان قىشتا سىرتتا تۇرغۇزۇپ سوغۇق سۇ چېچىش ئارقىلىق توڭلىتىپ ئۆلتۈرىلدى! ھۆرلۈكىمىز ئۈچۈن شېھىت بولغان غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىكى بارلىق شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىمىز، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ جەننەتتە بولىشىنى تىلەيمىز!

 

بىز بۇ قىرغىنچىلىقنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىگە ھەرگىز يول قويمايمىز.

 

ئۆتكەن يىلى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈردى. ختاي بۇ قارشىلىق سادالىرىغا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش، ئىچكى ئەزا سودىسى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ (د ن ئا) ئەۋرىشكىسىنى يىغىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە ۋاستىلىرىغا خىتاي ئىشپىيونلۇق ئەپلىرىنى كىرگۈزۈش، ئاتالمىش يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئۇيغۇرلارنى سولاش ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى تۈرمىگە تاشلاپ ئۆلتۈرىۋېتىشكە ئوخشاش ۋەھشىيلىكلەر بىلەن جاۋاب بېرىۋاتىدۇ.

 

دۇنياغا نەزەر سالساق، ئۆتكەن بىرقانچە ئون يىل ئىچىدە خەلقئارادىكى ھەرقايسى كۈچلۈك دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردىمى بولسۇن دەپ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى. خىتاي بۇ ياردەمنى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش، ھەربىي كۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتتى.  ھازىر بولسا ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك قولىنى شەرقىي ئاسىيادىن باشلاپ دۇنياغا ئۇزىتىۋاتىدۇ. خىتايدىن ئىبارەت بۇ مۇستەبىت تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەت دۇنيا تېنچلىقىنى بۇزۇپ ئىنسانىيەتنى بەختسىز قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى توسۇشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا سۈرگۈن ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىرلىكتە مۇستەقىللىق روھىنى مۇستەھكەملەپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتىنىمىزدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىمىز دېگەن بۇ ئىرادە بىلەن ئاداققىچە كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى غۇلجا قىرغىنچىلىقى شېھىتلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ!

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى ياپونىيە ئىشخانىسى

 

 

 

 

 グルジャ事件21周年にあたっての声明

 

 

 

199725日に東トルキスタンのグルジャで起きた中国政府によるウイグル人の大量殺戮事件より今年で21年目になります。中国共産党によるウイグル人への弾圧は、単に殺戮や暴行のみでなく、文化を破壊し民族そのものを消滅させようとする卑劣なものです。21年前のグルジャ事件でもウイグル人が民族の文化を大切にしていたと言うだけの理由で、多くの人が中国により虐殺されました。ある者は銃撃で、ある者は撲殺で、またある者は軍用犬に襲われ、拘束された人々も逃げ場のない極寒の屋外で放水を受け凍死しました。民族のために散っていった数百名に及ぶと言われる犠牲者に改めて哀悼の意を表します。我々は決してこの事件を忘れません。そして、いまだ変わらずウイグル人を絶滅させようとしている中国共産党の狂った野望を必ず阻止します。去年はグルジャ事件20周年の節目の年であり世界中で、また日本の各地でも抗議の声が多くあげられました。それにも関わらず中国政府の悪行はとどまる所を知りません。この一年を振り返るだけでも、ウイグル人留学生の不当逮捕や拘束、臓器売買を目的とした住民からの強制的な遺伝子情報の搾取、個人の情報端末に国家からの監視ソフトのインストールを義務化するなど様々な非道がありました。中国が東トルキスタンを侵略してから行い続けている、共産党のウイグル人らチュルク系民族への悪魔的所業は決して許されません

 

 

 

 過去何十年にも渡り、世界中の人々から中国の人権問題を解決するように働きかけがありました。中国に融和的に接すれば彼らが改心するはずとして、世界中から中国共産党に送られた数々の援助は、結局のところ強大な軍事独裁国家を生んだだけでした。建国以来ただの一度も人権問題を解決できなかった独裁政権を甘やかせば、急に人権意識に目覚め独裁をやめ改革を開始すると夢想するのは実に馬鹿げた話です。中国共産党の支配下にいる限り、ウイグル人だけではなく、漢人や他の民族にだって自由も人権も有りはしないのです。中国の支配下にある東トルキスタンの子供たちは、自分たちがずっと昔から中国人であったと洗脳をうけ、ウイグル人は民族の心を失いつつあります。もはや一刻の猶予もありません。中国人のウイグル族だという発想では、この問題の解決は不可能なのです。中国人のウイグル族として改革する気が無い中国共産党を信奉し、助けてくれるようにその独裁者に陳情しても状況は悪化するだけなのは自明では無いですか。我々は必ず独裁者を打ち倒し、東トルキスタンの独立を勝ち取ると、このグルジャ事件の日に誓います

 

    

 

東トルキスタン亡命政府日本事務

 

Hits: 20248
Copyright © 2018. East Turkistan Government-in-Exile. Designed by